Showing posts with label Blog. Show all posts
Showing posts with label Blog. Show all posts

2007-06-12

Chinese

现在感觉自己好比蒙在一个没有阳光的空洞中,抬着只望洞口那般大的天日,没有太阳、没有风霜。。。显得无常平静,心中升华至犹如雪上加霜。。抛弃所有现在烦恼,希望能让一切秋波平复正常,望眼过去,是一片蓝天白云。

2007-03-18

ئۇيغۇرچە بلوگ توغرىسىدىكى دەسلەپكى پىلان

نۇرغۇنلىغان بلوگ تور بېكەتلىرىنى كۆرۈپ مەندىمۇ بىر ئېچىۋىتىلگەن بلوگ بېكىتى قۇرۇش پىلانى تۇغۇلۇپ قالدى
ھازىر تېخى پىلان باسقۇچىدا، پات يېقىندا تورداشلار بىلەن كۆرىشىدۇ
ئاساسلىق مەزمۇنى : توردىكى يېڭى چىقىۋاتقان تور ھەققىدىكى بىلىملەر ، ئەجەپلىنەرلىك خەۋەرلەر، كىشىلەرگە ياقىدىغان تور بېكەتلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ
كەڭ تورداشلارنىڭمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ تور مەزمۇنىنى تېخىىمۇ موللاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن
رەھمەتجان ئەپەندى

2007-03-14

ياسىن توغرىسىدا سىز بىلمەيدىغان 5 تۈرلۈك ئىش

ھەر يېلى يېڭى بلوگ ئويۇنلىرى چىقىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن كىتاب تونۇشتۇرۇش قاتارلىق، ئۇلار ھەممىىسى ناھايىتى ياخشى تارقىلىشچانلىققا ئىگە. " مەن توغرىسىدا سىز بىلمەيدىغان 5 تۈرلۈك ئىشلار" ئويۇنى چىققاندىن باشلاپ ناھايىتى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ ئويۇن چەتئەلدە مودا بولۇپ باشلانغان بولۇپ، جوڭگودا كۆرۈلگىلىمۇ خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى، بۇ ئويۇننى ئوينىغان ئۇيغۇرلارنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم، قېنى ئەمدى باشلاپ باقايلى
ياسىن Demeone توغرىسىدا سىز بىلمەيدىغان 5 تۈرلۈك ئىش :
بىرىنچى . توپ ئوينىغاندا قەتئى پاس بەرمەيدۇ، بەلكىم ئۆزىنىڭ توپ كونترول قىلغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز بولسا كېرەك ھېچكىم ئۇنىڭدىن تېخى ئاغرىنغىنى يوق. بىراق دائىم مېنى پاس بەرمەيسەن دەيدۇ...
ئىككىنچى . مۇھەببىتىنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ ، بۇ بەلكىم مېنىڭ شەخسى كۆز قارشىمدۇ؟ قاچانلا تېلىفون كەلسە ئاۋازى بەك تۆۋەن.
ئۈچىنچى . قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئويۇنلارنى ئويناشقا ئامراق ، بىراق مەن ئۇنىڭ بىر ئويۇننى خېلى ئۇزۇن ئوينىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، بىراق ماڭا دائىم يېڭى چىققان ئويۇنلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار بەك تەس ئىكەن.
تۆتىنچى . مىجەزى بەك ياخشى ، ناھايىتى مېھماندوست ، بەزى ۋاقىتلاردا ئاچچىقلانغان ۋاقىتلىرى بار يۇ، بىراق بىردەمدە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، ( بۇ چاغدا بەلكىم قىز دوستىدىن كەلگەن بىر تېلىفون ئۇنى خوش قىلغان )
بەشىنچى . ئۇ ھازىر نىمىس تىلى ئۆگىنىۋاتىدۇ

بۇنى يېزىش خېلى تەس ئىشكەن جۇمۇ..... يازغان ئىكەنمەن، يەنە بىرنەچچە كىشىنىمۇ قوشۇپ قەسلىۋەتمەيمەنمۇ...
نەبى Nicolas نەفىس شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، كەلگۈسىدىكى مىليونىر

ئارسلانYalihando داڭلىق پروگراممىچى ، ئېنگلىز تىلى مۇتەخەسسىسى
ئىسمى ئاتالغانلار دىققەت، چوقۇم يېزىڭ دېمەيمەن ، بىراق يازمىسىڭىز مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىسىز جۇمۇ...